|
*دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 4 - كۈنى ‹‹ پۇقراۋى تەييار ماي كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى تارقىتىپ، ئىككى چوڭ نېفىت گورۇھىنىڭ پۇقراۋى تەييار ماي كارخانىلىرىنى تەييار ماي بىلەن مۇۋاپىق تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىككى تەرەپ باھادا دۆلەت بېكىتكەن ئەمەلىي پارچە سېتىلىش باھاسى ئاساسىدا 5.5 پىرسەنتتىن 7 پىرسەنتكىچە ئېتىبار بېرىشنى كېلىشسە بولىدۇ.
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولىشىچە، 5 – مارت خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 1 مو 1 پۇڭ 72 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن ئۈچ ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىگەن. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 1 پۇڭ 72 لى، بىر ياۋرو 10 يۈەن 8 مو بىر پۇڭ 78 لى، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 8 مو 2 پۇڭ 25 لى، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 1 پۇڭ 44 لى، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 1 مو 2 پۇڭ 62 لى ئايرىۋاشلاندى.
*خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا قايتۇرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 4 - كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا سېرىق ئالتۇننىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 17.9 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 966.3 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ نەق باھاسى 17.7 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 963.9 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۆمۈشنىڭ باھاسى 33.5سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 19.738 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
*سودىلاشقۇچىلار ئامېرىكىنىڭ سودا خاراكتىرلىك خام نېفىت ئامبار زاپىسى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىگەنلىكتىن، مۇشۇ ئاينىڭ 4 – كۈنى، خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيوق خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى 2.93 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 99.52 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز بىرونت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 2.96 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 97.52 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان بېنزىننىڭ ھەر گالونىنىڭ قەرەللىك باھاسى 14.29 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 2.5291 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر گالون ماينىڭ قەرەللىك باھاسى 4.9 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 2.7918 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك باھاسى 0.7 سىنت ئۆرلەپ، بازار 9.353 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىرانسىپورت باشقۇرۇش باش پونكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرى توشىغان يولۇچى 1 مىليون 769 مىڭ 692 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
*ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەرنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجى سەۋەپلىك، 800 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆينى چېقىش، كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان.
*ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر، بازارلاردا 45 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىسى 3 مىڭ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرىدىغانلار 6 مىڭ ئىكەن. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر، بازارلاردا ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى 3.7 پىرسەنت ئىچىدە كونتىرول قىلىدىكەن.
*شاڭخەي ئاكسىيە سودا بېرژىسى يېقىندا: مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرىشى ۋە شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 2008 - يىللىق ئىككىنچى قارارلىق ھىساباتى خاتىرلىنىدىغان دۆلەت زايومىنى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شاڭخەي ئاكسىيە سودا بېرژىسى مۇقىم پايدىلىق ئاكسىيە ئۇنۋېرسال ئېلېكتىرونلۇق مۇنبىرىدا بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2 - ئايدا خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 7 يۈەن 1 مو 6 پۇڭ 1 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، 1 - ئايدىكىدىن 877 ئاساسىي نۇقتا يۇقىرى بولغان. 2 - ئايغا چاغان توغرا كەلگەنلىكتىن، گەرچە سودا كۈنى 16 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا يەتتە قېتىم رىكورت يارىتىلغان. بۇنىڭ ئاچىدە 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى سودا كۈنىدە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 1 مو 58 لىلىق باھا بىلەن يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىدارىنىڭ 2 - ئايدىكى باج كىرىمى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەككە ئايدىكى باج كىرىمى جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا تاپاۋەت بېجى باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 70 پىرسەنتتىن ئېشىپ، يەككە ئايدىكى خەزىنىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانا تاپاۋەت بېجى 662 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن يىللىق پىلاننىڭ 40 پىرسەنتى ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپ بولغان.
*ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر باھاسىغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش قەرەلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، يېڭى قەرەلنىڭ يېقىندا بىكىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
|