|
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى لاتارىيە بېلىتى لاتارىيىچىلەر ئىزچىل دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بولۇپ كەلدى، كۆپ تەرەپلىك زىيارەت ۋە ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى لاتارىيە بېلىتى ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتتى. دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى لاتارىيە بېلىتى پات ئارىدا دۆلىتىمىزنىڭ لاتارىيە بازىرىغا كىرىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى لاتارىيە بېلىتى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتى بولۇپ، جەمئىي بەش تۈرى بار. دۆلەت تەنھەرىكەت لاتارىيە مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خېبېي، جياڭسۇ، جيېجياڭ، شەندۇڭدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىنى سىناق نۇقتىسىدا سېتىشتا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆلكە قىلىنىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتى پۈتۈنلەي يېڭى بىر لاتارىيە تۈرى بولۇپ،‹‹كارامەت››نى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىنىڭ نامى قىلىش بېكىتىلدى، ئۇ يەنە‹‹ئامەتلىك جۇڭگو››،‹‹بىرىنچىلىكنى ئال››،‹‹ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى››،‹‹ھاياجان ۋە ئارزۇ››،‹‹غەيرەت قىل، جۇڭگو كوماندىسى›› قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. لاتارىيە بېلىتىنىڭ يۈزىگە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى، مەشئەل يەتكۈزۈش لىنىيىسى، ئولىمپىك شادىمان بالىلىرى، جۇڭگو قاتناشقان ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە قاتارلىق مەزمۇنلار چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ساقلاش قىممىتى ۋە خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى لاتارىيە بېلىتىنى سېتىشتىن ئېرىشكەن بارلىق پايدىنىڭ ھەممىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ياردەم بېرىشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە شەكىل، ئۇ ئاممىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى: تۈرى كۆپ، مۇكاپات پۇلى جىق، قىزىقارلىق، لاتارىيە باھاسى بەش يۈەن ۋە ئون يۈەن، لاتارىيىچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر بىر لاتارىيىنىڭ ھەممىسىدە تۆتتىن 12قېتىمغىچە مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار بولۇپ، لاتارىيىچىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان سىناق ۋە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ؛ مۇكاپاتنىڭ قايتىش نىسبىتى%65 كە، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 250مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىدىن پەرقلىنىدۇ. ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى: ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىنى دۆلەت تەنھەرىكەت لاتارىيە مەركىزى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىنى باشقۇرۇش ئورگىنى—ئامېرىكا SG شىركىتى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئۇنىڭ بېسىلىشى نەپىس بولۇپ، ئۇنىڭدا يىغىپ ساقلاشقا باب كېلىدىغان مەزمۇنلار بار، نۇرغۇن يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ ئۇنى ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۈچىنچى ئالاھىدىلىكى: ئىناۋىتى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتى پۈتۈنلەي سىستېمىلىق سېتىش شەكلى بويىچە سېتىلىدۇ، بارلىق تور نۇقتىلىرىغا سىكاننېر سىستېمىسى سەپلەنگەن، بارلىق لاتارىيىنىڭ ھەممىسى تورغا چىقىرىلغان ھالەتتە بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتى تېخىمۇ ئاشكارا، ئادىل.
ئىگىلىنىشىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئالاقىدار باشقا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى قىياس قىلىش لاتارىيە بېلەتلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىكەن. بۇنداق لاتارىيە بېلەتلىرىدە ۋاسكېتبول، ۋالىبول، سۇغا سەكرەش قاتارلىق تېخنىكىلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تۈرلەر قىياس قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول لاتارىيە بېلىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللىنىش مۇسابىقىسى باسقۇچىدىلا بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇنىڭدا تۆت مەيداندا كىرگەن توپنى تېپىش لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە يېرىم مەيدان، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنى تېپىش ئۇسۇلىمۇ يولغا قويۇلىدىكەن. 14مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىش - يېڭىلىشنى قىياس قىلىش لاتارىيىسىدە مۇسابىقە كۆپرەك بولغانلىقتىن، قىياس قىلىش قېتىم سانىمۇ ئاز بولىدىكەن.
(جۇڭگو تەنھەرىكەت لاتارىيىسى تورى)
|