|
*ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 200 مىليوندىن ئېشىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ كاپالەت دائىرىسى سىجىل كېڭەيگەن.
*ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەرقايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامى ئىمزالاش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش بۇ يىللىق دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىكەن.
*·يېقىندا ئېلان قىلىنغان كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 62 كارخانا ئىشلەپچىقارغان 80 خىل مەھسۇلاتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 99.7 پىرسەنت بولغان. سۈپىتى لاياقەتسىز بولغان تۆت خىل مەھسۇلات جەمئىيەتكە ئاشكارە ئېلان قىلىنغان.
*بۇلتۇرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باجدىن ئىلگىركى نەق پۇل كىرىمى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 40 مىڭ 73 يۈەن بولۇپ، 2006 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 37 مىڭ 540 يۈەنلىك نەق پۇل كىرىمىدىن 6.75 پىرسەنت كۆپ بولۇپ، ئۆرلەش دەرىجىسى ئاھالىلار ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىدىن سەل يۇقىرى بولغان.
*يېقىندا ئاياغلاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بېلىقچىلىق كەسپىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىق مەنبەسىنى ئىستىراتىگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلغانلىقتىن، تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، تەييار سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 89 مىڭ 101 توننىغا يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 4 مىڭ 666 توننا كۆپ بولغان. بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 930 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 23.8 پىرسەنت ئاشقان، بېلىقچىلىق كەسپىدە كىشى بېشى كىرىمى 6 مىڭ 819 يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
*شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 19 مىليون 140 مىڭ 300 موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 7.5 پىرسەنت كۆپ بولىدىكەن.
*يېڭى بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھەر كىلوگىرام سامساقنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى بىر يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن بەش يۈەندىن ئارتۇق ئەرزان بولغان. بىر قىسىم بىخ تارتىپ قالغان سامساقلارنى ھەتتا سامساق سودىگەرلىرى تەخمىنەن 4 مودىن تۆكمە قىلىپ ساتقان.
*شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، باۋشەن پولات تۆمۈر گورۇھى، شەنشى لۇئەن قاتارلىق چوڭ كارخانا چوڭ گورۇھلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز 16 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پاي ھوقۇقى خاراكتىرلىك مەبلەغكە ئېرىشكەن.
|