|
بۇ يىل 1- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز يەرلىك مالىيىسىنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 4 مىليارد 259 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 59.96 پىرسەنت ئاشتى، ئېشىش دەرىجىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 3- ئورۇنغا ئۆتتى.
كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى، تىجارەت بېجى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى قاتارلىق ئاساسلىق باج تۈرلىرىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 152.69 پىرسەنتكە يەتتى، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلغان يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ستراتېگىيىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، پاي تۈزۈمىدىىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدە ئاكسىيە قاتارلىق كەسىپلەردىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى زور دەرىجىدە ئاشتى. تىجارەت بېجىدە پۇل - مۇئامىلە سوغۇرتىسى كەسپى، قاتناش ترانسپورت كەسپى، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تىجارەت بېجى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، تىجارەت بېجىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
جايلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېشىش دەرىجىسى 20 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان جايدىن 10 ى بولۇپ، ئۈرۈمچى - سانجى رايونىنىڭ 101.03 پىرسەنتكە يېتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان.
|