|
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ ئاشۇرۇلما قىممىتى 7 مىليارد 71 مىليون يۈەنگە، سېتىش كىرىمى 29 مىليارد 474 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىككى تۈردە ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 15 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مال - مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 117 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مال - مۈلكى نازارەت قىلىنىدىغان، باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلار ئاساسىي كەسپنى گەۋدىلەندۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ئىچكى قىسىمدىكى مال - مۈلۈكلەرنى ئالالاشتۇرۇپ ۋە قايتىدىن تەشكىللەپ، ئۈستۈنلۈكنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسپىنى كۈچەيتىپ ۋە زورايتىپ، سېتىش كىرىمى ۋە پايدىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنى 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشۇردى. بىناكارلىق - قۇرۇلۇش گۇرۇھى قارمىقىدىكى كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆز ئالدىغا بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. خەلقئارا ھەمكارلىق شىركىتى تاشقى سودا ئارقىلىق تاشقى ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى ئېچىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى، شەندۇڭ يەنكۇاڭ گۇرۇھى، سەنشى لۇئەن گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلار ئارقا - ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ماكانلاشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا 12 چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ دۆلەت مال - مۈلكى نازارەت قىلىنىدىغان، باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلار بىلەن قايتىدىن ستراتېگىيىلىك تەڭشەلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزغا 160 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان پاي ھوقۇقى خاراكتېرلىك مەبلەغ كىرگۈزدى. لۇئەن شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ ئىككىنچى ئېيىدا، پىششىقلانمىغان تاش كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىدا يەككە ئايلار بويىچە تارىختا ئەڭ ياخشى سەۋىيە ياراتتى. بۇلتۇر، قايتىدىن تەشكىللەنگەن كارخانىلارنىڭ ياراتقان سېتىش كىرىمى 62.9 پىرسەنت، مال - مۈلۈك قىممىتى 61.1 پىرسەنت ئاشتى.
|