باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرىدە ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى
2008- 03- 03 16:49 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    خەلقئارا بازاردا ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ سىجىل چۈشىشىنىڭ تەسىرىدە، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يەنە تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش  ئارىلىق باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنى 7 يۈەن 1 مو 3 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، تۈنۈگۈن يەنە بىر قېتىم بىراقلا 7 يۈەن 1 مو 1 پۇڭلۇڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 7 يۈەن 1 مو 58 لىلىق باھا بىلەن يېڭى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا  19 قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ھىسابلىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى 2.58 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن. تۈنۈگۈن بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 58 لى، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 8 پۇڭ 9 لى، يۈز ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 7 8 پۇڭ 58 لى، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 1 پۇڭ 353 لى، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 1 مو 2 پۇڭ 31 لى ئايرىۋاشلاندى . 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ