باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزغا 200 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى ئاجراتتى
2008- 03- 03 11:06 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنام نەسىردىن 25–فېۋرال چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزغا 200 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى ئاجراتتى، بۇ ئىلگىرىكى يىللاردا سېلىنغان مەبلەغ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. 

   ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك تەننەرخىنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتىنى كۆپەيتىپ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1998–يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەر يىلى بەلگىلىك مەبلەغ ئاجراتقان، 2007–يىلى، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزغا ئاجراتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى جەمئىي 104مىليونغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىغان، 2007–يىلىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 110مىليون يۈەنگە يەتكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى  9 مىليون 788مىڭ 500كىلوۋاتقا يەتتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش دەرىجىسى%70تىن ئېشىپ كەتتى.

   بۇ يىل مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا ئاجراتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلەغ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك بولدى، ماشىنا سايمانلىرى تولۇقلىما دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى بەلگىلىگەن توققۇز چوڭ تۈر، 33 خىل ئاساسىدا، يەرلىكنىڭ بەش خىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن باشقا ماشىنا سايمانلىرىنى ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىشىگە رۇخسەت قىلدى، مەركەزنىڭ مەبلىغىنى تولۇقلىما قىلىپ، 100 ئات كۈچىدىن يۇقىرى بولغان چوڭ تىپتىكى تراكتور ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆك يەم  خەشەك كومبايىنىنىڭ يەككە ماشىنا تولۇقلىما نورمىسىنى بۇلتۇرقى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن، بۇ يىل ئەڭ كۆپ بولغاندا 80مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە ئۆستۈرۈشكە، چوڭ تىپتىكى ئاپتوماتىك پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ يەككە ماشىنا تولۇقلىما نورمىسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ