|
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 28 – فېۋرال جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا بازىرىدا خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 1 مو 3 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 7 يۈەن 1 مو 2 پۇڭ 9 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ يەككە كۈندىكى ئۆرلەش دەرىجىسى 246 ئاساسىي نۇقتىغا يەتكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى قىسقىغىنە ئىككى ئايدا، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 18 قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 2 پۇڭ 9 لى، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 6 پۇڭ 43 لى، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 7 مو 1 لى، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 1 پۇڭ 484 لى، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 1 مو 2 پۇڭ 61 لى ئايرىۋاشلاندى.
*شاڭخەي ئاكسىيە سودا بېرژىسى مۇشۇ ئاينىڭ 27 – كۈنى: مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرىشى ۋە شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 2007 – يىللىق 19 – قارارلىق ھىساباتى خاتىرلىنىدىغان دۆلەت زايومىنىڭ 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى قەرەلى توشىدىغانلىقىنى، 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىشتىن توختىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
*بۇ يىل 1 – ئايدا، قورغاس چىگرا ئېغىزىنىڭ ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا سوممىسى تۇنجى قېتىم 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى.
*مۇشۇ ئاينىڭ 27 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېييۈەنچۈن، ياشلار يولىدىكى ئىككى چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، چاغاندىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاتلىق سۇ بېلىقىنىڭ باھاسى ئازراق ئۆرلىگەن.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، تۈرلۈك باھا تۇراقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغانلىقتىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار باھاسى ئومۇمىي گەۋدىدىن مۇقىم بولغان. بېييۈەنچۈن كۆكتات بازىرىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كۆكتات تىجارەتچىلىرى چاغاندا ھەر كىلوگىرام تەرخەمەكنىڭ باھاسى 20 يۈەنگە، مۇچنىڭ باھاسى 25 يۈەنگە چىقىشى مۈمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن. ئەمەلىيەتتە تەرخەمەك باھاسى تەخمىنەن 14 يۈەنگە، مۇچ باھاسى تەخمىنەن 20 يۈەنگە چىققان، ئەگەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش ھەققى، يەككە سودا سانائەتچىلەرنى باشقۇرۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلمىغان بولسا، باھا بۇنداق تۆۋەن بولمايدىكەن.
*بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مال – مۈلكىنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە پايدا ئېلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بانكا كەسپىدە مۇقىم بولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 553 مىليارد 277 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 15.16 پىرسەنت؛ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 544 مىليارد 464 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 14.48 پىرسەنت ئاشتى؛ تۈرلۈك خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇلى ئامانىتى قالدۇقى 452 مىليارد 756 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى 2006 – يىلىدىكىدىن 4.9 پوئىنت تۆۋەن بولدى.
|