باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئۆتكەن ھەپتىدە، مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى بازىرىدا باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 1.8 پىرسەنت ئۆسكەن
2008- 02- 29 15:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    كارخانىلارنىڭ چاغاندىن كىيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش تىرانسىپورتنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىردە، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولدى. سودا مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە، مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى بازىرىدا باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 1.8 پىرسەنت ئۆسكەن. تەكشۈرۈلگەن ئاساسلىق 112 خىل  مەھسۇلات ئىچىدە 64 خىلىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆسكەن بولۇپ، تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلات ئومۇمىي سانىنىڭ 57.1 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن؛ 30 خىل مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ، تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلات ئومۇمىي سانىنىڭ 26.8 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. تۈر ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، كان مەھسۇلاتلىرى، رەڭسىز مىتاللار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېنىرگىيە مەنبەسى مەھسۇلاتلىرى، كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى، خېمىيە سانائېتى مەھسۇلاتلىرى، رەڭلىك مېتاللارنىڭ باھاسى ئۆسكەن، يېنىك سانائەت خام ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ