باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سىغىمى 2 مىڭ 500 كۇب مېتىر كېلىدىغان دومنا پېچ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2008- 02- 29 13:09 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   27 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سىغىمى 2 مىڭ 500 كۇب مېتىر كېلىدىغان تۇنجى دومنا پېچ باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر شىركىتىدە پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

   2–ئاينىڭ 27–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7 دىن 40 مېنوت ئۆتكەندە، باۋشەن پولات– تۆمۈر گۇرۇھى 1 - ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن جۇڭكۈەننىڭ دومنا پېچقا ئوت يېقىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى بىلەن،  1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ جەمئىي 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 1 – نومۇرلۇق سىغىمى 2 مىڭ 500 كۇب مېتىر كېلىدىغان دومنا پېچى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

   1– نومۇرلۇق دومنا پېچ قۇرۇلۇشىدا 2006 – يىلى 11 – ئايدا ئىش باشلانغانىدى، بۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى دومنا پېچ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە كۆڭۈل بۆلدى، 1 – نومۇرلۇق دومنا پېچ— 2007 – يىلى 1 – ئاۋغوست پولات – تۆمۈر شىركىتى باۋشەن پولات–تۆمۈر گۇرۇھىغا قېتىلغاندىن كېيىن، باۋشەن پولات–تۆمۈر گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چوڭ تىپتىكى تۇنجى دومنا پېچى ھېسابلىنىدۇ.

   1–ئاۋغۇست پولات– تۆمۈر شىركىتىنىڭ 1 – نومۇرلۇق دومنا پېچى يىلىغا 1 مىليون 750 مىڭ توننا تۆمۈر ئېرىتمىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، خەلقئارا بويىچە ئىلغار ۋە پىشقان تېخنىكا قوللىنىلدى، دومنا پېچنىڭ كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە يېقىلغۇ گاز سىستېمىسى لايىھىسىدە، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىلارنى ئازايتىش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى باۋشەن پولات- تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغوست پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى چوڭايتىش، ئەسلىھەلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ يەنە بىر قەدەم تاشلىغانىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   باۋشەن پولات–تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات– تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن جۇڭكۈەن مۇنداق دېدى: 1 – ئاۋغۇست پولات– تۆمۈر شىركىتىنىڭ 2 – نومۇرلۇق سىغىمى 2 مىڭ 500 كۇپ مېتىر كېلىدىغان دومنا پېچى ۋە يانداشما ئەسلىھەلىرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1 – ئاۋغۇست پولات–تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 8 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىدۇ، 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە پولات - تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلىنىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ