|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27- فېۋرال تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىكى بۈگۈن 2008- يىللىق سىچوتلۇق زايوم (2 - قارارلىق) تارقىتىشنى قارار قىلىپ، قىممىتى 28 مىليارد يۈەنلىك سىچوتلۇق زايوم تارقاتتى. بۇنىڭ مۇددىتى 15يىل بولۇپ، خېرىدار چىقىپ بېكىتىلگەن زايومنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى%4.16 بولدى.
مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قارارلىق زايوم 2008- يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تارقىتىلىدىكەن ھەم ئۆسۈمى ھېسابلىنىدىكەن. 3 - مارت تارقىتىش ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ قارارلىق زايومنى 6 - مارتتىن باشلاپ ھەر قايسى سودا بازارلىرىدا ئېلىپ - سېتىشقا بولىدىكەن.
بۇ قارارلىق زايوم ئۆسۈم نىسبىتى مۇقىم بولغان قوشۇمچە ئۆسۈملۈك زايوم بولۇپ، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆسۈم تۆلىنىدۇ، ئۆسۈم تۆلەش كۈنى ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 28- كۈنى، 8 - ئاينىڭ 28- كۈنى (بايرام، دەم ئېلىش كۈنى بولسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)، 2023- يىلى 2 - ئاينىڭ 28- كۈنى دەسمايە قايتۇرۇلىدۇ ھەم ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۆسۈمى تۆلىنىدۇ.
بۇ قارارلىق ئۆسۈم دۆلىتىمىزدىكى بانكىلار ئارىسىدىكى زايوم بازىرى ۋە ئاكسىيە سودا بازىرى(بىرژا)ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا تارقىتىلىدۇ.
|