باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 02- 28 12:41 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   *گوۋۇيۈەن يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ۋە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27 – فېۋرال ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىز يېزىلىرىدىكى ئەمگەكچى 531 مىليون كىشىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 131 مىليون 810 مىڭ كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ 64 پىرسەنتىنى ئەرلەر تەشكىل قىلغان. 

   *ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى ئىقتىساد -تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 45 پىرسەنت ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

   *شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كەسپى جەمئىيەتلەر، سودا جەمئىيەتلىرىدىن باھادا ئۆز - ئۆزىنى قاتتىق كونتىرول قىلىشنى، ئەزالىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەننەرق ئېشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، باھانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

   *ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر قايسى مۇھىت باھالاش، مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكىلىق باھالاش ئاپپاراتلىرى بارلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ۋە قۇشخانا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مۇھىت ئاسراش بويىچە باھالاش، مەسلىھەت بېرىش ھەققىنى دۆلەت ئۆلچىمى ئاساسىدا يېرىم باھادا ئالىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ