|
2008 – يىللىق شەرقىي ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
چۇڭچۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2008 – يىللىق شەرقىي ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 24 – فېۋرال غەلبىلىك ئاياغلاشتى . شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 3:0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ياپونىيە كوماندىسى ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى . چاۋشىيەن كوماندىسى 2 – بوولدى ، جۇڭگو كوماندىسى 3 – بولدى .
23 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 1:3 چاۋشىيەن كوماندىسىنى ئۇتتى . بىراق بىر مەيدان ئۇتۇپ ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ ، 3 – بولدى . كورېيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى ، ياپونىيە كوماندىسى 2 – بولدى .
كېلەر نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 2010 – يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ .
|