|
2007 – ، 2008 – يىللىق CBA بىرلەشمە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

گۇۋاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار غەلبىسىدىن شاتلانماقتا
22 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن 2007 – ، 2008 – يىللىق CBA بىرلەشمە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 5 – ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇۋاڭدۇڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 81 گە قارشى 90 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ ، ئومۇمىي1:4 نەتىجە بىلەن بۇقېتىمقى CBA نىڭ چېمپىيونى بولدى . شۇنىڭ بىلەن 2007 – ، 2008 – يىللىق CBA بىرلەشمە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئاياغلاشتى .
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە لياۋنىڭ كوماندىسى 2 – بولدى ، جياڭسۇ كوماندىسى 3 – بولدى ، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› كوماندىسى 7 – بولدى . بىر ماھىرنىڭ كىملىك مەسلىسى تۈپەيلىدىن بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› كوماندىسى 11 – بولدى .

گۇۋاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار غەلبىسىنى تەنتەنە قىلماقتا
|