|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى فوتوسى : 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىكتە تەشكىللىگەن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايون بويىچە 2008- يىللىق ‹‹ تەنتەربىيە لاتارىيىسى لوڭقىسى›› ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ خەلقئاراچە چېلىشىش مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە قەشقەر تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئۈرۈمچى ، بايىنغولىن ، ئىلى، ئاقسۇ ، خوتەن، تۇرپان ، بۆرتالا ، تارباغاتاي ، قارماي ، قۇمۇل ، ئالتاي ، قىزىلسۇ ، قەشقەر قاتارلىق 14 ۋىلايەت (ئوبلاست) ۋە مارالبېشى ناھىيىسى قاتارلىق بىر قىسىم (ناھىيە) شەھەرلەردىن كەلگەن 15 ياشتىن 17ياشقىچە بولغان تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن 14 كوماندىدىن 395 نەپەر ماھىر قاتناشتى. ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان تەنھەرىكەتچىلەرگە 50 دانە ئالتۇن مېدال ، 50 دانە كۆمۈش مېدال ، 50 دانە مىس مېدال تارقتىپ بېرىلدى . قەشقەر ئوغۇللار كوماندىسى كوللېكتىپ نومۇر بويىچە 1–لىككە غۇلجا ، ئۈرۈمچى كوماندىلىرى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 2-، 3- لىككە ، قىزلار كوماندىسى بويىچە قەشقەر قىزلار كوماندىسى ئومۇمىي نومۇر بويىچە 1- لىككە ، چۆچەك، غۇلجا كوماندىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2-، 3- لىككە ئېرىشتى. بۆرتالا، قەشقەر، ئاقسۇ كوماندىسى مەدەنىيەتلىك كوماندا ، 76 نەپەر تەنچەرىكەتچى مەدەنىيەتلىك تەنھەرىكەتچى ، بەش ترېنېر مەدەنىيەتلىك ترېنېر بولۇپ مۇكاپاتلاندى.

سۈرەتتە: چىمپىيونلار شەرەپ سەھنىسىدە

سۈرەتتە: قەشقەر كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچى ۋە ترېنېرلار
|