باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 02- 22 12:23 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   *گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا رەھبەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسى مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، 2007 - يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يوشۇرۇن خىيىم - خەتەرلەرنى تەكشۈرۈش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىدە ئېنىقلانغان زور يوشۇرۇن خىيىم - خەتەرلەرنى تۈزۈتۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

   *جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائېتى جەمئىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 - ئايدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللاردىن860 مىڭغا يېقىن سېتىلىپ، يەنە بىر قېتىم يېڭى تارىخى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

   *دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سودا بانكسى بولغان جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى بىلەن ئەڭ چوڭ غەيرى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كارخانىسى بولغان جۇڭگو خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى نەق پۇل باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ نەق پۇل باشقۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق بانكا قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىدا كونكىرت ھەمكارلىشىدۇ.

   *دۇنيا ئالتۇنچىلىق جەمئىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى شاڭخەيدە: بۇلتۇر، جۇڭگونىڭ ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بويۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ 302.2 توننىغا يېتىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ، ھىندىستاندىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بويۇملىرى ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     *دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان‹‹ 2008 - يىللىق مەملىكەتلىك باج خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار›› دا ئاشكارىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز شەخسى تاپاۋەت بېجى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئاشۇرۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەڭشەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئادىل تەقسىماتقا پايدىلىق بولغان باج تۈزۈمىنى تەدرىجى تۇرغۇزىدىكەن.

   * ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئۆي _  مۈلۈككە 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 6 مىليون كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە تۈرلۈك ئولتۇراق ئۆي سالىدىكەن.

    *ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئۇل قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ ئۇل قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ ئۇل قۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق مەمۇرى، كەسپىي خاراكتىرلىك ھەقلەر، ھۆكۈمەت فوندى ۋە ۋاستىچىلىق مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق كېمەيتتى ياكى كەچۈرۈم قىلدى.

   *دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى ئۇقتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاساسلىق گۈرۈچ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا گۈرۈچ، بۇغداينىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى 2 پىرسەنتتىن 7 پىرسەنتكىچە ئۆستۈرىلىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ