باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
20– فېۋرال ، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسىدا يېڭى تارىخى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
2008- 02- 22 12:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى ، ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە تۆۋەنلىتىش مۆلچەرى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى نيويورك تاۋار بېرژىسىدا ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسىدا يېڭى تارىخى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 8 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 937.8 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. بازار يېپىلغاندىن كىيىنكى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا باھادا بىر مەھەل 949.2 ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى   سەۋىيە يارىتىلدى. ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇن 8 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 934.6 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۆمۈشنىڭ باھاسى 25.2 سىنت ئۆرلەپ، بازار 17.76 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى، باھا ئارىلىقتا بىر مەھەل 17.87 ئامېرىكا دوللىرىلىق  يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۆمۈشنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 14.3 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 2 مىڭ 138.8 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ