|
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20-فېۋرال 100 ئامېرىكا دوللىرى 714 يۈەن 5 مو 2 پۇڭغا، 100 ياۋرو 1 مىڭ 52 يۈەن 5 مو 2 پۇڭغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 6 مو 2 پۇڭ 8 لىغا، 100 شياڭگاڭ پۇلى 91 يۈەن 5 مو 8 پۇڭ 2 لىغا، 100 ئەنگىلىيە فوندسىتىرلىڭى 1 مىڭ 390 يۈەن 7 مو 4 پۇڭغا ئايرىۋاشلانغان.
*ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇدىرلار ئىش بىجىرىش يىغىنى ئاقسۇ ئايرىدىرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلاپ، رەسمىي تۈر قىلىپ تۇرغۇزغان.
*ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول قاتنىشى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۈچ يىلدا،يىلىغا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ئاساسىدا، يىلىغا 18 پىرسەنتتىن كۆپەيتىپ، ئۈچ يىلدا قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 33 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، ئۈچ ئۆتۈشمە يول، يەنى ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا سىتراتېگىيىلىك ئۆتۈشمە يول، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا تۇتىشىدىغان شەرق بىلەن غەرپنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈشمە يول، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈشمە يولنى بەرپا قىلىدۇ.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارنى ئېچىش مەبلىغى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش مۇشۇ ئاينىڭ 8 -كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
*ھاۋانىڭ تەدىرىجى ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولۇش، قار كۆپ يېغىشنىڭ تەسىرىدىن تەدرىجى قۇتۇلغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق تېرىلغۇسىغا بىۋاستە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن.
*ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز تەدبىر قوللىنىپ باھاغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاشلىق، سۈيېغى، سۈتتىن ئىشلەنگەن مەھسۇلات قاتارلىق قىسمەن مۇھىم تاۋارلار ۋە مۇلازىمەتلەرگە قارىتا باھا ئۆستۈرۈشتە ئىلتىماس قىلىش ۋە باھا تەڭشەشتە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بازارنى تەڭشەش، كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.
|