|
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش توغۇرىسىدىكى مۆلچەر قاتارلىق كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى تۇنجى قېتىم 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتتى. شۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 4.51 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 100.01 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ، يۇقىرى تارىخى نۇقتىغا يەتتى؛ ئارىلىقتا باھا بىر مەھەل 100.1 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى نيويورك تاۋار بېرژسىدا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 100.09 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 3.65 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 98.56 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ قەرەللىك مال باھاسى 10.93 سىنت ئۆرلەپ، بازار 60. 2 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ ھەر گالونىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 11.45 سىنت ئۆرلەپ، بازار 2.76 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ مېتىر تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 31.7 سىنت ئۆرلەپ، بازار 8.77 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
|