|
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياۋروغا ئايرىۋاشلىنىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېلېكتىر ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئىزچىل يېتىشمەسلىكى سەۋەپلىك ئاق ئالتۇن بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىتىن ئەندىشە قىلىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا قىممەتلىك مىتاللار باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر ئۈنسىيە ئاق ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئارىلىقتا بىر مەھەل يۇقىرى تارىخى سەۋىيىگە يەتتى. شۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە ئاق ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 89.4 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 2 مىڭ 153.1 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى، باھا ئارىلىقتا بىر مەھەل 2 مىڭ 174 ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى 23.8 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 926.6 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە كۆمۈشنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 39 سىنت ئۆرلەپ، بازار 17.5 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
|