باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
جاڭ يىمو: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆزگىچە بولىدۇ
2008- 02- 20 18:27 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

    2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ، دۇنيا خەلقى بۇ مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 8–ئاۋغۇست ئۆتكۈزىلىدۇ، ھاززىر تەييارلىق خىزمەتلەر جىددىي ئىشلەنمەكتە.

    داڭلىق رېژىسسور، 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىپپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى باشلىنىش–يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ رېژىسسورى جاڭ يىمو يېقىندا مۇنداق دېدى: 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆزگىچە بولىدۇ ، باشلىنىش مۇراسىمى ئۈچ يېرىم سائەت داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشقا بىر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەيدانغا كىرىشىگە ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىدىن ئىنتايىن رازى.

   جاڭ يىمو يەنە مۇنداق دېدى: باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، خەلقىمىزگە خۇشاللىق بېغىشلاش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ