|
*مالىيە مىنىستىرلىكى گوۋۇيۈەننىڭ سەپلىمە ئۈسكۈنە ياساش كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئات كۈچى چوڭ يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىمپورت قىلغان قىسمەن زاپچاسلاردىن ئېلىنىدىغان ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىلىرى ئاشۇرۇلما قىممەت بېجىغا قارىتا ئالدى بىلەن باج ئېلىپ، كىيىن قايتۇرۇش؛ بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ،بىر پۈتۈن ماشىنا ۋە يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر ئىمپورت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى توختىتىشنى قارار قىلدى.
*مالىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۆپ تۈرلۈك باج سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كالىيلىق بېرىكمە ئوغۇت قاتارلىق قىسمەن خېمىيىۋى ئوغۇتلارغا قارىتىلغان ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
*بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 7.1 پىرسەنت ئۆرلەپ، 1997 - يىلىدىن بۇيانقى ئايلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئاي بويىچە سېلىشتۇرغاندا، 1 - ئايدىكى ئاھالىلار ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى بۇلتۇر 12 - ئايدىكىدىن 1.2 پىرسەنت يۇقىرى بولغان.
*مىنشېڭ بانكىسى 19 – فېۋرال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئايرىم سودا قىلىنىدىغان، ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 مىليارد يۈەنلىك تارقىتىدىغانلىقىنى، زايوم تارقىتىش ئارقىلىق جۇغلانغان مەبلەغنى مەزكۇر بانكىنىڭ مەبلەغ دېرىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ لايىھىنىڭ يەنە جۇڭگو ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
*ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، يېمەكلىك باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.2 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق 5.7 پىرسەنت، سۈييېغى 37.1 پىرسەنت، گۆش، ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ 41.2 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
*شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل سىياسەت خاراكتىرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بۇغداي، ياغلىقدان زىرائەتلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى بۇ يىللىق نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كىيىن ئالاھىدىلىككە ئىگە باغ - ئورمان كەسپى قاتارلىق تۈۋرۈك كەسپلەر سۇغۇرتىسىنى سىياسەت خاراكتىرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ھەمدە زۆرۈر بولغاندا سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ.
*ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئالاتاۋ چىگرا ئېغىزى تۇنجى قېتىم خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم ئورنىدىكى زاپاس ئاشلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلغان 180 توننا گۈرۈچتىن 20 مىڭ 800 يۈەن ئېكىسپورت تاموژنا بېجى ئالدى. بۇ، دۆلەت بۇلتۇر، گۈرۈچ ئېكىسپورتىدا باج قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم گۈرۈچ ئېكىسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشى ھىسابلىنىدۇ. بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ، پۇرچاق قاتارلىق 84 خىل ئاشلىق ۋە ئۇنىڭ ئۇنىغا قارىتىلغان ئېكىسپورتتا باج قايتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇغداي قاتارلىق 54 خىل مەھسۇلاتتىن 5 پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە ۋاقىتلىق ئېكىسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى، ھەمدە تاموژنا بېجى نورما تەقسىماتىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويغان ئېدى.
*ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ھازىردىن باشلاپ 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ‹‹ ساختىغا زەربە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خېمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق، دېھقانچىلىق دورىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا تاۋارلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىلىق بازار، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازارلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا زەربە بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىغا كىرىشكە ئىجازەت قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تىجارەت يوللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
*ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى يېشىل يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن جۇڭگو يېشىل يېمەكلىكلەر تەرەققىيات مەركىزى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرىشىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى يېقىندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ئۆتتى.
|