|
*جۇڭگو ئىمپورت – ئېكىسپورت بانكىسى 18 – فېۋرال بېيجىڭدا جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن ‹‹ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى›› ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ۋاكالىتەن ھىساب بوغۇش، پۇل مۇئامىلە بازىرى، شىركەت پۇل مۇئامىلىسى، چەتئەللەردە كەسپ ئېچىش، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانا مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ، سىياسەت خاراكتىرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن سودا بانكىلىرى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش يېڭى ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
*18 – فېۋرال تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا يولۇچى توشۇش سانى 118 مىليون 790 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 22 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپ بولۇپ، 23.6 پىرسەنت ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، 1 - ئايدا تۆمۈر يولدا مال توشۇش مىقدارى 267 مىليون 230 مىڭ توننىغا يىتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 3 مىليون 750 مىڭ توننا كۆپ بولۇپ، 1.4 پىرسەنت ئاشقان.
*جۇڭگو بانكىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى بۆلۈمى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، ئاھالىلار ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بۇ قېتىمقى مال باھاسى ئۆسۈش دولقۇنىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 7.5 پىرسەنت ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يىڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، دۆلىتىمىز سانائەت بويۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 6.1 پىرسەنت ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى 10 پىرسەنتتىن يۇقۇرى، خام ماتېرىيال، يېقىلغۇ، ئىنىرگىيە باھاسى 8.9 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، دۆلىتىمىزدە خام نېفىت باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 29.9 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، دۆلىتىمىزدە بېنزىن، سەلەركە ۋە كىرسىن قاتارلىق تەييار مايلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 7.3 پىرسەنت، 10 پىرسەنت ۋە 10.9 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18– فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – ئايدا، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 6.5 پىرسەنت؛ تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 4.6 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى 10.4 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
*ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۈگۈندىن باشلاپ 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك‹‹ ھەق ئېلىش ئىجازەتنامە›› لىرىنى يىللىق تەكشۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ ھەق ئېلىش ئىجازەتنامە›› لىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىمۇ باشلىنىدىكەن.
*ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چىگرا ئېغىزلرىىنىڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ،تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ھەمدە 2006 - يىلىدىكىدىن 66.4 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت قىممىتى 12 مىليارد 304 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 62.09 پىرسەنت؛ ئىمپورت قىممىتى 6 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 76.16 پىرسەنت ئاشقان.
*بۇ يىل، دېھقانلارنىڭ شەخسى ئىناۋەت ئۇچۇرى مەركىزى بانكىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇر سىستىمىسىغا كىرگۈزىلىدۇ. يېقىندا خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركىزى بانكا بۇ يىل كىردىتنى ئەنگە ئېلىش سىستىمىسى ۋە شەخسلەر ئىناۋەت ئۇچۇرى ئاساسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى دائىرىسىنى مەملىكەت بويىچە يېزىلارغىچە كېڭەيتىدىكەن. شىنجاڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ يېزا كىردىت سانلىق مەلۇماتىمۇ ئۇچۇر توپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزىلىدىكەن.
*جۇڭگو يىنشاڭ گورۇھى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغانلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، بانكا كارتىسى ئارقىلىق بانكا ئاتلاپ ئىستېمال قىلىش 30 مىڭ قېتىمغا، ئومۇمىي سوممىسى 16 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇ بۇلتۇرقى چاغان مەزگىلىدىكىدىن بەلگىلىك دەرىجىچە يۇقىرى بولغان.
*ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 3 مىليارد 689 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەمئى 86 تۈر بويىچە شەھەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەبلەغ ئىچىدە دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قەرزى 505 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ يىلقى شەھەر قۇرۇلۇشى ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا 55 تۈر ئىش باشلاش شەرتىنى ھازىرلايدىكەن، يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلەر--شەھەر يوللىرىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش، ئارقا كوچا، كىچىك كوچىلارنى، دوستلۇق يولىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق 13 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
*باج ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە شەخسى تاپاۋەت بېجىنى ھىسابلاش چېكى ئۆلچىمىنى ھازىرقى 1 مىڭ 600 يۈەندىن 2 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى ھازىر يولغا قويىۋاتقان شەخسى تاپاۋەت بېجىنى ھىسابلاش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئايلىق كىرىمى 2 مىڭ يۈەن بولغان شەھەر ئاھالىلىرى 20 يۈەن؛ ئايلىق كىرىمى 4 مىڭ يۈەن بولغان شەھەر ئاھالىلىرى 235 يۈەن شەىسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇراتتى. 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كىيىن، ئايلىق كىرىمى 2 مىڭ يۈەن بولغان شەھەر ئاھالىلىرى باج تاپشۇرمايدۇ، ئايلىق كىرىمى 4 مىڭ يۈەن بولغان شەھەر ئاھالىلىرى 175 يۈەن باج تاپشۇرىدۇ.
*تەكنى كۆممەي قىشتىن چىقىرىش تېخنىكىسى يېقىندا تۇرپاندا مۇۋەپپىقىيەتلىك سىناق قىلىندى. بۇ تېخنىكا كېڭەيتىلسە، مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تەكنى قىشتا كۆمۈشتەك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. بۇ تېخنىكا ئۈزۈم سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن،ئىلىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.
|