باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 220مىڭ يۈەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2008- 02- 18 12:45 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە بازار تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن 12نى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتتىن 2 مىليون 220مىڭ يۈەننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن.

   ئاپتونوم رايون 2007–يىلى مال باھاسى زىيادە تېز ئۆرلەپ كېتىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىگە قارىتا بىر قاتار تەدبىر قوللىنىپ، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات  ئىسلاھات كومىتېتى ئىچكى – تاشقى بازاردىكى باھا ئەھۋالىغا ئاساسەن، باھا يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، باھانىڭ نورمالسىز داۋالغۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ھەم قەرەللىك مەخسۇس يىغىن ئېچىپ پۈتۈن يىللىق باھانىڭ ئۆرلىشىنى تەھلىل قىلدى، مۆلچەرلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازارنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، باھا سىياسىتى تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتلەردە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات  ئىسلاھات كومىتېتى فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باھا كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىپ باھا كۆزىتىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاشلىق، ياغ، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى، سۈت، يەم – خەشەك قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى بازاردا تەكشۈرۈش زىچلىقى ۋە قىممىتىنى ئاشۇردى ھەم تىرىك مال قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخىنى بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   ئاپتونوم رايون بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كۆرۈلگەن باھانى كەلسە  كەلمەس ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە قارىتا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلۇلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە بازار تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن 12نى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتتىن 2 مىليون 220مىڭ يۈەننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 1 مىليون 190مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي جازانى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك زەربە بەردى.

   بۇلتۇر 4 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈرنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ۋاقتىدا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كۆمۈر بىلەن توك باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. 11 – ئايدا ماي، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە تەبىئىي گاز بازىرىدىكى تەمىنلەش جىددىي بولۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا بازار تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە شەھەر، بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرگە مۇۋاپىق ياردەم بېرىش تەكلىپ  تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم نېفىت كارخانىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مائارىپ، داۋالاش، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى،ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسىنىڭ زالۇكى قاتارلىق ھەق ئېلىش ئۆلچەملىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، قىسمەن كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى تۈزەتتى.   
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ