|
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2007- يىلى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا 51مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇلتۇرقىدىن 3 مىليارد يۈەن ئاشۇردى.
ئاپتونوم رايونىمىزدا 2007- يىلى يېڭىدىن ئىش باشلىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى 21گە يېتىپ، 2006- يىلىدىكىدىن ئالتىسى ئاشتى، يىل بېشىدىكى 18تۈر ۋەزىپىسى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى؛ بۇ تۈرلەر يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، سۇچىلىق، پەن - تېخنىكا، نېفىت، نېفىت خىمىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
2007- يىلى ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى›› نىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلدى.
قۇرۇلۇش باشلىغان ۋە باشلاش ئالدىدا تۇرغان تۈرلەر ئىچىدە شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا يارىتىلغان ئۈچ مۆجىزىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز 2007- يىلى بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلۇش باشلىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇرپان - كورلا 2 - لىنىيىسى، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى - جىڭ قوش رېلىسلىق تۆمۈريولى، كۈيتۈڭ - بېيتۇن ۋە ئۈرۈمچى - شىمالىي جۇڭغار تۆمۈريولىنى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدىكى نەمۇنە دېيىشكە بولىدۇ؛ قۇرۇلۇش باشلاش ئالدىدا تۇرغان ئۈرۈمچى - شىمالىي جۇڭغار تۆمۈريولى بىر كۈن ئىچىدىلا تەستىقىي جاۋابقا ئېرىشىپ، باشلىنىشتىلا ئىككى ھۆججىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەچكە، دۆلەت تۆمۈريول مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ‹‹راكېتا››دەك تېز بولدى، دەپ تەرىپلەندى؛ قەشقەر - خوتەن تۆمۈريولى تۈرىدە يۇقىرىغا تۈر تەكلىپنامىسىنى يوللىغاندىن تارتىپ دۆلەتنىڭ تۈر تەستىق جاۋابىغا ئېرىشكىچە ئاران بەش ئاي ۋاقىت كەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 2007- يىلى دۆلەتنىڭ تولۇقلىما مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مول نەتىجىلىك بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشكەن دۆلەتنىڭ تولۇقلىما مەبلىغى 11 مىليارد 255مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006- يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 600مىليون يۈەن ئېشىپ، مەبلەغ تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى 13- فېۋرال: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە سالىدىغان مەبلىغى 60مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن، دېدى.
|