باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 02- 18 11:56 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   *خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى كائېن 15 – فېۋرال بېيجىڭدا مۇنداق دىدى : ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسى گەرچە جۇڭگوغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يەنىلا 10 پىرسەنتكە يېتىدۇ.

   *شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى باھاسىنى سىستىمىلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 16–كۈنى، جايلاردا كۆكتاتلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ياغنىڭ باھاسى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولغان ، تەييار ئاشلىق، گۆش، تۇخۇم، سۇ مەھسۇلاتلىرى باھاسى ئازراق تۆۋەنلىگەن، سۈتنىڭ باھاسى ئازراق ئۆرلىگەن، مېۋە – چىۋە باھاسىدا تار دائىرىلىك داۋالغۇش بولغان.

   *جۇڭگو ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى پاي چېكى تارقىتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولغان يېڭى پاي چېكىنى توردا تارقىتىشنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش —تارقىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يېڭى پاي چېكىنى تارقىتىش مەزگىلىدە مەبلەغنى كەڭ كۆلەمدە بانكا ئاتلاپ ئوبروت قىلىش مەسىلىسنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىكەن.

    *ئاپتونوم رايونىنىمىز جۇڭگو – قازاقىستان، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد، سودا تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بۇ يىل، خەلقئارا يۈك، يولۇچى تىرانسىپورت لىنىيىسىدىن يەنە ئىككىنى، يەنى ئۈرۈمچى – جىمۇنەي چىگرا ئېغىزى – قاراغاندا يولۇچى، يۈك تىرانسىپورت بىۋاستە  لىنىيىسى، قەشقەر – قونجىراپ – ئىسلامئاباد يولۇچى، يۈك تىرانسىپورت بىۋاستە لىنىيىسىنى ئاچىدۇ.

   *ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد، سودا كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۆش باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كۆرىنەرلىك بولغان، گۆش سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكىدىن 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن؛ سۈتنىڭ سېتىلىش مىقدارى بولسا 2.49 ھەسسە ئاشقان.

   *ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت باج كىرىمى 6 مىليارد 828 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن كۆپ بولۇپ، 29.84 پىرسەنت ئاشقان ، ئېشىش دەرىجىسى 30 پىرسەنتكە يېقىنلاشقان. پولات – تۆمۈر كەسپى بۇلتۇرقى باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ