|
بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئىمپورت– ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليارد 404 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، 2006– يىلدىكىدىن %66.49 ئېشىپ ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 2007– يىلى ئاپتونوم رايونىمىدىكى ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ مال ئىمپورت– ئېكىسپورت قىلىش ئۇسۇلى كۈچەيتىلگەن. ئاساسلىق سودا دۆلىتى زور نىسبەتتە ئاشقان . قازاقىستان، قىرغىزىستان، روسىيە، پاكىستان، تاجكىستان قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ سودىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ مال ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %92.1 نى ئىگىلىگەن. چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ مال ئىمپورت–ئېكىسپورت سودا قىممىتى زور نىسبەتتە ئېشىپ ، 859 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ماشىنىسازلىق–ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى زور نىسبەتتە ئاشقان ، ئەنئەنىۋى ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى مۇقىم ئاشقان. توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك، ماشىنسازلىق– ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، ئاياق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى 2007– يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق تاۋار ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ %72.9 نى ئىگىلىگەن .
|