|
دۆلىتىمىز بانكا كارتىسى تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ، چاغان مەزگىلىدە بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشتا يېڭى يۇقىرى تارىخى سەۋىيە يارىتىلدى. جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13 – كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، چاغانلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا ، دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدە بانكا كارتىسى ئارقىلىق بانكا ئاتلاپ مۇئامىلە قىلىش قېتىم سانى 66 مىليون 377 مىڭ قېتىمغا ، سوممىسى 29 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يۇقىرى تارىخى سەۋىيە يارىتىلىپ، 2006 – يىلى چاغان مەزگىلىدىكىدىن 49.7 پىرسەنت ۋە 59.7 پىرسەنت ئاشقان .
|