|
*جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تارقاتقان ئاھالىلار قەرز قالدۇقى 135 مىليارد 500 مىليون يۈەن كۆپەيگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا مۇددەتلىك قەرز 49 مىليارد 100 مىليون يۈەن ، ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز 86 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپەيگەن.
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 14 – فېۋرال خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 1 مو 8 پۇڭ 90 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 62 ئاساسىي نۇقتا يۇقىرى بولغان. تۈنۈگۈن، بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 8 پۇڭ 90 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 4 مو 6 پۇڭ 90 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 6 مو 4 پۇڭ 36 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 2 پۇڭ 181 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوندسىتىرلىڭى 14 يۈەن 1 مو 1 پۇڭ 31 لىغا ئايرىۋاشلانغان .
*جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ،1 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تاشقى پىروۋوت قەرز قالدۇقى 236 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 42.59 پىرسەنت ئاشقان ؛ تاشقى پىروۋوت ئامانەت قالدۇقى 152 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، 9.2 پىرسەنت ئازايغان .
*مالىيە مىنىستىرلىكى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت مەھكىسىمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى مۇزىي، خاتىرە سارايلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ‹‹ مۇزىي، خاتىرە سارايلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى›› نى جىددى تۈزۈشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشچە ، مەركەز مالىيىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، مەركەز بەلگىلىگەن ھەقسىز ئېچىۋېتىش دائىرىسىگە ئاساسەن ، جايلارنىڭ مۇزىي، خاتىرە سارايلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشىگە كېرەكلىك مەبلەغ بىلەن نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىكەن.
*ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 4 – پەسىلگە قەدەر، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 52 تىرلىيون 598 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە، ئومۇمىي قەرزى 49 تىرلىيون 567 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇلتۇر 4 – پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق سودا بانكىلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز قەرز نىسبىتى 6.17 پىرسەنت بولۇپ، 3 – پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، ئەمما بىرىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكى 6.63 پىرسەنت ۋە ئىككىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكى 6.45 پىرسەنتلىك ئۈنۈمسىز قەرز نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان.
*جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا خەلق پۇلى سودىسىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 7 تىرلىيون 570 مىليارد يۈەنگە، كۈندىلىك پۈتۈشۈش سوممىسى 344 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۈنلۈك پۈتۈشۈش سوممىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 87.2 پىرسەنت ئاشقان.
*مۇشۇ ئاينىڭ 13– كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان كىرىمى 2006 – يىلىدىكىدىن 16.3 پىرسەنت كۆپەيگەن، باھا ئۆسۈش ئامىلىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى 11.2 پىرسەنت بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە كىشى بېشى مائاش خاراكتىرلىك كىرىم 9 مىڭ 12 يۈەن 2 مو بولۇپ، 2006 – يىلىدىكىدىن 20.3 پىرسەنت ئاشقان ؛ كىشى بېشى كۆچمە خاراكتىرلىك چىقىم ، يەنى پىنسىيە پۇلى، مال – مۈلۈك سېتىش كىرىمى قاتارلىقلار 1 مىڭ 616 يۈەن 5 مو بولۇپ، 4.6 پىرسەنت ئاشقان.
*ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە تارىخى خاراكتىرلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ 51 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلدىكىدىن 30 مىليارد يۈەن كۆپ بولغان.
*ئۇچۇر كەسپى مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 13 – فېۋرال : 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يان تېلىفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىنىڭ يېڭى لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. يىڭى لاھىيەدە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ھەر مىنۇتلىقى تېلىفون بەرگەندە 6 موغا، تېلىفون قوبۇل قىلغاندا 4 موغا تەڭشەلدى.
|