باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۇران كېنىنى ئېچىشتا ھەمكارلاشتى
2008- 02- 14 12:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    يېقىندا جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۇران كېنىنى قېزىش ساھەسىدىكى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. مەزكۇر كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يادرو سانائىتى ساھەسىدىكى يېتەكچى كارخانىسى — جۇڭگو يادرو سانائەت گۇرۇھ شىركىتى بىلەن جۇڭگو گۇاڭدوڭ يادرو ئېلىكتىر گۇرۇھ شىركىتى قازاقىستان ئۇران كېنى قازمىچىلىق بىرلەشمە شىركىتىنىڭ %49 پاي ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدىكەن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بولسا قازاقىستان ئۇران كېنى قازمىچىلىق بىرلەشمە شىركىتىنىڭ پاي كونترول ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ بىرلەشمە شىركەتنىڭ %51 پاي ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدىكەن. قايتۇرما جاۋاب سۈپتىدە جۇڭگو تەرەپمۇ قازاقىستانغا يادرو يېقىلغۇسىنى ئىشلەپچقىرىش كارخانىسى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىسىنىڭ پېيىنى بۆلۈپ بېرىدىكەن.

   جۇڭگو ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى . مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، 2020– يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگودا 40 يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىسى قۇرۇلىدىكەن .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ