|
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزى 13 – فېۋرال 100 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 791 يۈەن 5 مو 2 پۇڭ، 100 ياۋرونىڭ 1 مىڭ 48 يۈەن 9 مو 5 پۇڭ، 100 ياپونىيە يىنىنىڭ 6 يۈەن 7 مو 1 لى، 100 شياڭگاڭ پۇلىنىڭ 92 يۈەن 2 مو 4 پۇڭ 9 لى، 100 ئەنگىلىيە فوندسىتىرلىڭىنىڭ 1 مىڭ 408 يۈەن 6 مو خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
*جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا مەلۇم بولىشىچە، جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپىنىڭ يامغۇر ،قار ،مۇز ئاپىتىگە بەرگەن سۇغۇرتا تۆلىمى1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە مال – مۈلۈك سۇغۇرتا تۆلىمى 90 پىرسەنتكە يېقىنلاشقان.
*ئۇچۇر كەسپى مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا دۆلەت سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار، تېلىگىراف، ئىقتىساد، باھا ساھەلىرىدىكى قىسمەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كۆچمە تېلىفون دۆلەت ئىچى كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنىڭ يۇقىرى چەك ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، سۆھبەت يىغىنىدىكى پىكىرگە ئاساسلانغاندا، كەزمە ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قارار پات ئارىدا ئوتتۇرىغا قويىلىدىكەن.
*باھا پىشاڭىنى ئىشقا سېلىش مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول. دۆلەت مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جو شېڭشيەن يېقىندا مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئىدارىلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا: جايلارنىڭ كېرەكسىز سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىشىنى تەلەپ قىلدى.
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ يېقىندا ئارىلاپ تەكشۈرىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇلتۇر، ئۆي باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى 2006 – يىلىدىكىدىن 5.5 پىرسەنت ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇراق ئۆي باھاسى 6.2 پىرسەنت ئۆرلەپ، باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ 0.8 پوئىنت ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى 14.5 پىرسەنت بولغان.
*شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى 12315 ئەرز قىلىش، مەلۇم قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1 – ئايدا، جايلاردا تېمپىراتۇرا ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەنلىگەنلىكتىن، مامۇق پەي كىيىمنىڭ بازىرى ياخشى بولغان ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ مامۇققا يۇڭ ئارىلاشتۇرۇش ئەھۋالى ئىستېمالچىلار ئەرزىيىتىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ قالغان، 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى مامۇق پەي كىيىمگە مۇناسىۋەتلىك ئەرز ۋە مەسلىھەت سوراش تېلىفۇنىدىن 207 نى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ 54 ى ئەرزگە تەۋە بولغان.
*ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزغا بۇ يىل ئۈچ يۈرۈش تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئى 4 مىليارد 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن.
*ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كاپىتال بازىرى نۆۋەتتە تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز بولغان مەزگىلگە قەدەم قويغان. بۇلتۇر 3 – پەسلىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ، 2006 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 42 پىرسەنت ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 32 گە يېتىپ، غەربىي شىمال بويىچە بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە 16 – ئورۇندا تۇرغان.
*ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش خىزمىتىدە نۇقتىلىق ئاشلىق، پاختىچىلىق، باغ – ئورمان، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا قۇرۇش ۋە ئەۋزەللىككە، ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېچىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆز رايونىدىن ھالقىش ۋە ئومۇمىي گەۋدە بويىچە تەرەققىي قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدا چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، جەنۇبى شىنجاڭدا ئالاھىدىلىككە ئىگە باغ ئورمان مەھسۇلاتلىرى ئاساس قىلىنىدىكەن .
|