|
مەركىزى بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى گاڭ مۇنداق دىدى: بۇ يىل كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %16 ئەتراپىدا بولىدۇ ، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن بولۇپ، پۇل قىسىش مۇھىتى شەكىللىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: مەركىزى بانكا بۇ يىل پۇل بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى نىشانىنى %15 گە مۇقىملاشتۇرىدۇ. يى گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل پۇل قىسىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ زىيادە تېز ئېشىشى كونترول قىلىنىپ ، كىردىت ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەش، تېزگىنلەش كۈچەيتىلىپ ، سودا ئوڭ پەرقىنىڭ ئۇدا كېڭىيىشى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندىكەن. ئۇمۇنداق دىدى: بۇ يىل پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ ئىشىلىتىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش دۆلىتىمىزدە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلشقا پايدىلىق، كېيىنكى قەدەمدە، مەركىزى بانكا جانلىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى قورالىدىن داۋاملىق پايدىلىنىدۇ .
|