|
بۇلتۇر، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونىنىڭ پۈتۈن يىللىق تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 30 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە، سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 1 مىليارد 505 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، سانائەت ۋە يۇقىرى، يېڭى كەسپى تېخنىكا كەسىپلىرىدە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ ، تەرەققىيات تېز بولدى.
بۇلتۇر، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلى بىلەن چوڭ كارخانا ۋە يېڭىچە سانائەت، ياساش كەسپى ۋە پەن– تېخنىكا سالمىقى يۇقىرى كارخانىلارنى كىرگۈزۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، جۇڭجى گۇرۇھى، يەنكۇاڭ گۇرۇھى، شۈكۇاڭ گۇرۇھى، جۇڭتۇڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پېيى كونترول قىلىنىدىغان پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۆلىتىمىز بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 11 كارخانىنى كىرگۈزدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان ئېلىمىزدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كارخانا 22 گە، كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سانائەت تۈرلىرى 10 غا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونى يەنە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكىلىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى ھەمدە تەرەققىياتتىكى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇردى. پۈتۈن يىلدا 112 كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش فوندى، مالىيە ئارقىلىق يۆلەش، مۇكاپاتلاش مەبلىغى، ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى بولۇپ جەمئىي 40 مىليون يۈەن مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈپ بەردى، دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدىن 106 نى بېكىتتى، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش، ياساش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونىدا يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىئو تىبابەت دورىلىرى، نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق 6 چوڭ يېڭىچە سانائەتلەشكەن ئالاھىدە كەسىپلەر توپى شەكىللەندى ھەمدە جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى، يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت غەربىي دىيار تۇرۇبا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم غوللۇق سانائەت كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا .
|