باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليارد 344مىليون يۈەنلىك پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىلدى
2008- 02- 10 12:45 شىنجاڭ گېزىتى

   بۇلتۇر شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيىسىنى تارقىتىش مەركىزى لاتارىيە ئويۇنىنىڭ تۈرلىرىنى ئۆزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ،‹‹ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش››تىن ئىبارەت تارقىتىش پرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيىسىنىڭ بىخەتەر،پۇختا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى 1 مىليارد 344مىليون يۈەنلىك پاراۋانلىق لاتارىيىسى  تارقىتىپ،دۆلەتكە 470مىليون يۈەن پاراۋانلىق لاتارىيىسى جامائەت پاراۋانلىقى فوندى توپلىدى. 30مىليون يۈەندىن ئارتۇق شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى ۋاكالىتەن تاپشۇردى.

   ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى2000 - يىلىدىن ھازىرغىچە 5 مىليارد 980مىليون يۈەنلىك پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقاتقان. دۆلەتكە 2 مىليارد 73مىليون يۈەن جامائەت پاراۋانلىقى فوندى توپلاپ بەرگەن ھەم توپلانغان جامائەت پاراۋانلىقى فوندى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ئاكتىپ قوللىغان.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ