باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 02- 05 12:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    .جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپىي جەمئىيىتى يېقىندا جىددىي تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تۆلەم مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛  ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش رەھبەرلىكىنى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى كۈچەيتىش؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۆلەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا چاقىردى. تەشەببۇسنامىدە مۇنداق دىيىلدى: سۇغۇرتا بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا خېيىم – خەتەرنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسى ۋاستە. ئاز كۆرىلىدىغان ناچار ھاۋارايىغا يۈزلۈنۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش سۇغۇرتا كەسپىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

   · سودا مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى سودىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى پائال تەشكىللەش، ھەمدە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى،  ئوبورۇت كارخانىلىرىنى ئاپەتكە تاقابىل  تۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يەنىمۇ ياخشى تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى. سودا مىنىستىرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى بىلەن ئوبورۇت كارخانىلىرىنى ئومۇمىيلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى  تۇرغۇزشقا يىتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى تىرىشىپ قوغداشنى تەكىتلىدى.

   · دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىن،  3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھەققى، يەككە تىجارەتچىلەرنى باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق مەمۇرىي كەسپىي خاراكتىرلىك ھەقلەرنىڭ يېرىمىنى ئازايتىپ ئېلىش، توپ سېتىش بازىرى ياكى، يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان ئاپتۇموبىللاردىن ئېلىنىدىغان مەيدانغا كىرىش ھەققى قاتارلىق تىجارەت خاراكتىرىلىك ھەقلەرنىڭ يېرىمىنى ئازايتىپ ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

    · ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 8 دۆلەت بىلەن چىگىرلىنىدۇ. ئۈرۈمچى ئىلگىرى قەدىمىي يېپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپلا قالماستىن، يېڭى ئاسىيا – ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكى مەركىزى شەھەر. چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئىقتىسادىي بەلبىغى دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى پۇل – مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

   · ئاپتونوم رايونىمىز تېز قۇرۇلۇۋاتقان نوقتىلىق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولىۋاتقان كەسپلەرنىڭ ئاساسىي شارائىت قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە، 60 مىليون يۈەن مەخسۇس راسخوت ئاجىرىتىدۇ.  

   .مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى ئېچىلغان تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇلتۇر، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزۈش قۇرۇلۇشىغا 1مىليارد 258 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن.

   . ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: بازار باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىرلىكتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كەسپى جەمئىيەتلەرنىڭ باھادا ئاڭلىق بولۇشىغا قارىتا كونكىرىت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ