باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 2007–يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى
2008- 02- 05 10:22 شىنجاڭ گېزىتى

% 11.4 GDP ئاشتى،%4.8 CPI ئۆستى

   دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شيې فۇجەن 24–يانۋار گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2007–يىلى ئېلىمىزنىڭ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى%11.4 GDP ئاشتى؛ ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى%4.8 CPIئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن%3.3 پوئېنت يۇقىرى بولدى.

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: 2007–يىلى ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە سىيلىق، تېز تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، تېزرەك ئېشىش، قۇرۇلما ياخشىلىنىش، ئۈنۈم ئۆسۈش، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىشتەك ياخشى ھەرىكەت ھالىتى كۆرۈلدى. دەسلەپكى ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 24ترىليون 661مىليارد 900مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %11.4 ئېشىپ،%0.3 پوئېنت تېزلىگەن، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا بەش يىل%10كە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: 2007–يىلى ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تېزرەك بولدى، يىللىق ئاھالە ئىستېمال باھاسى%4.8 ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.3 پوئېنت يۇقىرى بولدى. يېمەكلىك، تۇرالغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي سەۋەب بولۇپ قالدى.

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 501مىليون 500توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3مىليون 500مىڭ توننا ئېشىپ، تارىختىكى 4– يۇقىرى ھوسۇللۇق يىل بولۇپ قالدى. يىللىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %18.5 ئېشىپ،%1.9 پوئېنت تېزلىدى. 39سانائەت ساھەسىنىڭ ھەممىسىدە پايدا ئېلىندى.

   يىللىق پۈتكۈل جەمئىيەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 13ترىليون 723مىليارد 900مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %24.8 ئېشىپ،%0.9 پوئېنت تېزلىدى.  يىللىق ئۆي  زېمىن تەرەققىيات مەبلىغى 2 ترىليون 528مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن%30.2 ئېشىپ، %8.4 پوئېنت تېزلىدى. يىللىق ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 8 ترىليون 921مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.8 ئېشىپ،%3.1 پوئېنت يۇقىرى بولدى.

   يىللىق شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 13مىڭ 786يۈەن بولۇپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىشى%12.2 كە يېتىپ، %1.8 پوئېنت تېزلىدى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 4140يۈەن بولۇپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىشى%9.5 كە يېتىپ،%2.1 پوئېنت تېزلىدى. يىللىق شەھەر، بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12مىليون 40مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 200مىڭ كىشى ئاشتى؛ يىل ئاخىرىدا شەھەر، بازارلاردا تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى%4 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن%0.1 پوئېنت تۆۋەنلىدى.

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي مەسىلە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تېزرەك بولۇش ھالىتىدىن زىيادە قىزىپ كېتىش ھالىتىگە ئۆتۈش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت بولماقتا، باھانىڭ ئۆرلەش بېسىمى زورايماقتا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى نىسبەتەن يىرىك، تۈزۈلمە مېخانىزمى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، ۋەھاكازالار.

بۇ يىل ئېلىمىز خېلى زور مال باھا بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: ھەرقانداق يېڭى باھا ئۆرلەش ئامىلى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، بۇلتۇرقى باھا ئۆرلىشىنىڭ قالدۇق تەسىرىدە 2008–يىلى ئېلىمىز مال باھاسىدا يەنىلا خېلى زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

   شيې فۇجەن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بويان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا ئائىت ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلمەكتە، بۇ پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان ناھايىتى ياخشى ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا، CPI ھەر بىر ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسى خىراجىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، شۇڭا كۆپچىلىك CPIغا كۆڭۈل بۆلمەكتە.

   شيې فۇجەن مۇنداق قارىدى: CPI قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بەك چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. چۈنكى،CPI مەملىكەت بويىچە نەچچە يۈز خىل تاۋار ياكى نەچچە خىل ئۆلچەملىك بۇيۇمنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە سانى بولۇپ، باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ بىرخىل ئۆزگىرىش سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەگەر دۆلەت ئېلان قىلغان CPI بىلەن كوچىغا چىقىپ نەرسە سېتىۋالغاندا چېتىلىدىغان ھەممە تاۋارنى سېلىشتۇرغاندا خاتا چۈشەنچە ياكى خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ مال باھاسىغا بولغان تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال قۇرۇلمىسى توپىنىڭمۇ مال باھاسىغا بولغان تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا بال باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ مال باھاسىغا بولغان تەسىراتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

   شيې فۇجەن مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات ئومۇمىي مىقدارلىق سانلىق مەلۇمات بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەدبىر بەلگىلىگەندە چوقۇم ئۆز ئەمەلىيىتىگە، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

CPI تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى بىۋاسىتە ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: ئۆي  زېمىن باھاسىنىڭ CPI دائىرىسىگە كىرىش – كىرمەسلىكىگە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پۇقرالار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، CPI تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى بىۋاسىتە ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، لېكىن تۇرالغۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   شيې فۇجەن مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ تۈرىدىكلەرنىڭ باھاسى ئۆي سېلىش ۋە بېزەك ماتېرىياللارنىڭ ھەققى، ئومۇمنىڭ ئۆيى ۋە شەخسىي ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى ۋە باشقا ھەقلەر، ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى، رېمونت ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئۆي باھاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

   شيې فۇجەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: CPI نىڭ ئۆي باھاسىنى بىۋاسىتە ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقىدا، بىرىنچىدىن، خەلقئارالىق ستاتىستىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى نەزەرگە ئېلىش چىقىش قىلىنغان. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ CPI سى ئۆي باھاسىنى بىۋاسىتە ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ،  ۋاستىلىق شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، قەرز پۇل ئۆسۈمى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆينىڭ ئىجارە پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆي سېتىۋېلىش بىر خىل مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى، ھەر يىللىق كۈندىلىك ئىستېماللا ئىستېمالنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۆي چىداشلىق بويۇم بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 50يىل ياكى تېخىمۇ ئۇزاق ئىستېمال قىلىنىدۇ.

   شيې فۇجەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:  ئېلىمىزنىڭ CPI سى سەككىز چوڭ تۈرلۈك تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى تۈردىكىسى يېمەكلىك، ئىككىنچى تۈرىدىكىسى ھاراق، تاماكا ۋە ئۇلارنىڭ لازىملىق بۇيۇملىرى، ئۈچىنچى تۈرىدىكىسى كىيىم – كېچەكلەر، تۆتىنچى تۈرىدىكىسى ئائىلە جابدۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى ۋە رېمونت مۇلازىمىتى، بەشىنچى تۈرىدىكىسى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە شەخسىي لازىمەتلىكلەر، ئالتىنچى تۈرىدىكىسى قاتناش ۋە ئالاقە، يەتىنچى تۈرىدىكىسى كۆڭۈل ئېچىش، مائارىپ، مەدەنىيەت بويۇملىرى ۋە مۇلازىمەت، سەككىزىنچى تۈرىدىكىسى تۇرالغۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق تۈرلەر مۇشۇ سەككىز چوڭ تۈرگە تەۋە بولىدۇ. CPI باھا سىستېمىسىدا يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنىڭ ۋەزنى%32.74نى ئىگىلەيدۇ.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ