باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
‹‹غەمخورلۇق فوندى›› پېشقەدەملەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى
2008- 02- 04 15:28 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 1 – مەشىق ئەترىتىنىڭ 69ياشلىق پېشقەدەم ۋالىبولچىسى زورىخان بىلەن 64ياشلىق پېشقەدەم ۋاسكېتبولچىسى جاڭ فېڭچى 24–يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇتنىڭ قولىدىن دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پېشقەدەم تەنھەرىكەتچىلەر ‹‹غەمخورلۇق فوندى››غا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى ۋە 20مىڭ يۈەن غەمخورلۇق پۇلىنى ئېلىپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى. شۇ قاتاردا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان 33 پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى، پېشقەدەم ترېنېر ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى، پېشقەدەم ترېنېرلار ‹‹غەمخورلۇق فوندى››غا ئېرىشتى.

   ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى مەملىكىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى، پېشقەدەم ترېنېرلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى تۇرمۇش، داۋالىنىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، تەنھەرىكەتچى، ترېنېرلارنىڭ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئەلا نەتىجە يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەپ، دۆلەت ۋە خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ‹‹دۆلەت كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى، پېشقەدەم ترېنېرلىرى غەمخورلۇق فوندى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى››نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹غەمخورلۇق فوندى››غا ئېرىشكۈچىلەرنى مۇكاپاتلىغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە 1962–يىلى دۇنيا ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 6 – لىككە ئېرىشكەن زورىخان بىلەن 1966–يىلىدىكى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن جاڭ فېڭچىمۇ شۇلار قاتارىدا مەملىكەتنىڭ ‹‹غەمخورلۇق فوندى››غا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى، پېشقەدەم ترېنېرلار غەمخورلۇق فوندى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى››نى تۈزۈپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 35پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى، پېشقەدەم ترېنېرنى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ مۇكاپاتلىغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەدسىدىق ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر دۇنياۋى مۇسابىقە (ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى)دە ئالدىنقى 8 – لىككىچە، ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە (ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى)دە ئالدىنقى 6 – لىككىچە، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 3– لىككىچە، مەملىكەتلىك مۇسابىقە(مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى)دە 1 – لىككە ئېرىشەلىگەن، كوللېكتىپ تۈرلەردە مەملىكەت بويىچە 6 – لىككىچە ئېرىشكەن كوماندىلار ياكى يۇقىرىقى مۇسابىقىلەردە دۇنيا رېكورتى، ئاسىيا رېكورتى، مەملىكەت رېكورتىنى بۇزغان، بۇ رېكورتلار بىلەن تەڭلەشكەن، پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە بۇنداق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ترېنېرلىرى بۇ ‹‹غەمخورلۇق فوندى››غا ئېرىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ غەمخورلۇق فوندى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، دۇنياۋى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر 1 – دەرىجىلىك غەمخورلۇق فوندىغا، ئاسىيا قىتئەسىدىكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەر 2 – دەرىجىلىك غەمخورلۇق فوندىغا، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەر 3 – دەرىجىلىك غەمخورلۇق فوندىغا ئېرىشىپ، 20مىڭ، 15مىڭ، 10مىڭ يۈەن بېرىلىدىكەن.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ