باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
ئولىمپىك كەنتى 27 – ئىيۇل ئېچىۋېتىلىدۇ
2008- 02- 04 15:19 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

   بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ئولىمپىك كەنتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ ياپېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئولىمپىك كەنتى 27 – ئىيۇل ئېچىۋېتىلىپ ، 27 – ئاۋغۇست تاقىلىدىكەن .  ئولىمپىك كەنتى مېيىپلار ئولىمپىك كەنتىگە ئالماشتۇرۇلىدىكەن . مېيىپلار ئولىمپىك كەنتى بۇ يىل 30 – ئاۋغۇست ئېچىۋېتىلىپ ، 20 – سېنتەبىر تاقىلىدىكەن .

   ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە 1 – نومۇرلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى كەنتىگە 6000 مۇخبىر ، 2 – نومۇرلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى كەنتىگە 1000 مۇخبىر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن .

   ئىگىلىنىشچە ، ئولىمپىك كەنتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 66 گېكتار بولۇپ ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مەزگىلىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەركەتچى ۋە ىادىم يېڭىدىن سېلىنغان ئولىمپىك كەنتىگە ئورۇنلىشىدىكەن . مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مەزگىلدە ، 4000 دىن ئارتۇق تەنھەركەتچى ۋە 2200 دىن ئارتۇق خادىم مېيىپلار ئولىمپىك كەنتىگە ئورۇنلىشىدىكەن .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ