|
· دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنى مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھىسابلىشىچە، بۇلتۇر، دۆلىتىمىزدە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك يېغى ئىستېمال مىقدارى تەخمىنەن 22 مىليون 500 مىڭ توننىغا يىتىپ، 10 يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.
· دۆلەت زىمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر، دۆلىتىمىز زاپاس مىقدارنى باھالاپ بېكىتىش، رويخەتكە ئېلىش، تىزىملاش ئارقىلىق خەزىنىگە كىرگۈزگەن 17 خىل ئاساسلىق كان بايلىقى چىقىدىغان چوڭ تىپتىكى كاندىن يېڭىدىن 62 سى كۆپەيگەن، ئېنىرگىيە كان بايلىقى زاپىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.
· شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى باھاسىنى سىستىمىلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، يېقىندا جايلار باھاغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيگەن، قىسمەن رايونلاردا ئاشلىق، ياغ، گۆش باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
· مالىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى، بۇ يىللىق 1 - قارارلىق ھىساباتى خاتىرلىنىدىغان دۆلەت زايومىنى تارقىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىم تارقىتىلىدىغان زايوم 28 مىليارد 970 مىليون يۈەن بولۇپ، مۇددىتى يەتتە يىل. خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق بېكىتىلگەن يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى 3.95 پىرسەنت.
· ئەڭ يېڭى ئانالىز دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر، دۆلىتىمىزدە ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ خەير ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان پۇل ۋە بويۇملارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 22 مىليارد 316 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 123 پىرسەنت كۆپ بولغان.
· بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خۇشال - خورام چاغان ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.
· ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 10 چوڭ سودا ساراي، تاللا بازىرىدىن، مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 10 پىرسەنتتىن 20 پىرسەنتكىچە تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
· ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىغا 288 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان، چارۋىچىنى پاكىزە سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
|