|
رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىمپورت- ئېكىسپورت سودىسىنى جانلاندۇرۇش ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلغانلىقتىن، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىقتىسادىدا سىجىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
بۇلتۇر ئالاتاۋ ئېغىزى پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى ‹‹چېگرا ئېغىزىغا تايىنىپ بورتالانى گۈللەندۈرۈش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇش›› تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، راۋان ئۆتكەل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مال ئۆتكۈزۈش قۇربىنى يەنىمۇ ئاشۇردى ۋە تۈرلۈك خىزمەت ھالقىلىرىدىكى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇردى. رايون ئەۋزەللىكى ۋە ئىمپورت بايلىقى ئەۋزەلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى. باج مەنبەلىرىنى پائال ئېچىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن بىر يىلدا ئىمپورت- ئېكىسپورت قىلىنغان يۈك 16 مىليون توننىغا، يۇقىرىغا تاپشۇرۇلغان تاموژنا بېجى ۋە ۋاكالىتەن بېجىرگەن قوشۇلما قىممەت بېجى 5 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە، ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا سوممىسى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2006- يىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %9.36، %59.7 ۋە %55.6 ئاشتى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ 252 مىليون 240 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بورتالا ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. پۈتۈن يىللىق يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد 720 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 61 مىليون يۈەنگە، مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 237 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006- يىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %15.3، %26.27 ۋە %63.7 ئاشتى. يەرلىك مالىيە كىرىمى 2006- يىلدىكىدىن %18.5 ئاشتى .
|