|
.جۇڭگو قەرەللىك مال سودا جەمئىيىتى 1 – فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا مەملىكەت بويىچە قەرەللىك مال بازارلىرىدا پۈتۈشۈش كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىپ، قەرەللىك مال سودىسى 88 مىليون 500 مىڭ قېتىمغا، پۈتۈشۈش سوممىسى 6 تىرلىيون 30 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 117 پىرسەنت ۋە 202 پىرسەنت ئاشقان.
·بۇلتۇر، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا تارقاتقان قەرزى جەمئى 146 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 55 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپ بولغان.
·دۇنيا ئىسىل تاۋارلار جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر، جۇڭگولۇقلارنىڭ زىننەت بويۇملىرى، كىيىم - كېچەك، خۇرۇم بويۇملىرى، ئەتىر قاتارلىق ئىسىل تاۋار ئىستېمالى 8 مىليار ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا ئىسىل تاۋارلار بازىرىنىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، ئىستېمالچىلار توپىنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 13 پىرسەنتكە يېتىپ، ياپونىيىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئىسىل تاۋارلار ئىستېمال دۆلىتى بولۇپ قالغان.
·جۇڭگو خەلق بانكىسى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى: ‹‹ گوۋۇيۈەننىڭ تۆتىنچى تۈركۈمدە مەمۇرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارى›› نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سودا بانكىلىرىنىڭ بانكا كارتىسى بەلگىلىمىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە بانكا پىروۋوت چېكى، بانكا تالونى مەخسۇس تامغىسىنى تەستىقلاشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەمۇرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
.1- ئاينىڭ 31 - كۈنى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا يەنە بىر قېتىم يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، 7 يۈەن 1 مو 9 پۇڭلۇق ئۆتكەل بۇزۇپ تاشلىنىپ، بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 8 پۇڭ 53 لىغا ئايرىۋاشلاندى. گەرچە بۇ قېتىم خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشى ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپىسىنىڭ 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپىسى فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسىي نۇقتا چۈشۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر: بۇ جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش قاتارلىق پۇل قىسىش سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارىدى.
.1- ئاينىڭ 31 - كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدا توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتى جىددى بولۇپ، ئوتتۇرا جۇڭگو ئېلېكتىر تورىدا كۆمۈر يېتىشمەسلىك سەۋەپلىك توختاپ قالغان گىنراتورلار گورۇپپىسىنىڭ سىغىمچانلىقى 10 مىليون 220 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن، بۇ دۆلىتىمىز ئېلېكتىر تورىدا كۆمۈر يېتىشمەسلىك سەۋەپلىك توك چىقىرىشتىن توختاپ قالغان گىنراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر زاپىسى ئۈچ كۈنلۈك ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن تۆۋەن بولغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى 86 گە، ئۇلارنىڭ گىنراتورلار سىغىمچانلىقى 80 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە گىنراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ 11.3 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.
·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىنچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باھاغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
·1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش پىلانى تۈزۈلۈپ بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل سالىدىغان تۈرلۈك ئولتۇراق ئۆينىڭ كۆلىمى 6 مىليون كىۋادىرات مېتىردىن 7 مىليون كىۋادىرات مېتىرغىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى تاۋار ئۆي كۆلىمى تەخمىنەن 5 مىليون 100 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن 6 مىليون 100 مىڭ كىۋادىرات مېتىرغىچە ئىكەن، پىلاندا قۇرماقچى بولغان كاپالەت خاراكتىرىدىكى ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى تەخمىنەن 900 مىڭ كۋادىرات مېتىر ، كاپالەت خاراكتىردىكى ئولتۇراق ئۆيلەر مەركەزلەشتۈرۈلۈپ سېلىنىدىغان يەر كۆلىمى 25 گېكتار ئىكەن.
·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرگە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چاغان مەزگىلىدە بازارنىڭ يېتەرلىك تەمىنلىنىشىگە، مال باھاسىدا زور داۋالغۇش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەي گۇڭشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىستېمال بويۇملىرى باھاسىنىڭ زىيادە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل، ھەر قايسى ئورۇنلار پائال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، كارخانىلارنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىشى لازىم.
·بۇلتۇر، كۇچا ناھىيىسىنىڭ مالىيە كىرىمى 1 مىليارد 25 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭدىكى مالىيە كىرىمى1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان تۈنجى ناھىيە بولۇپ قالدى.
|