|
ئۇچۇر كەسپى مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى، بۇلتۇرقى مەملىكەت بويىچە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇقىم تېلىفون كىرىمى 2006 - يىلىدىكىدىن 5.5 پىرسەنت ئازلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆچمە تېلىفون ئابونىچىلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن. كۆچمە خەۋەرلىشىش كىرىمى 2006 - يىلىدىكىدىن 17.8 پىرسەنت ئېشىپ، خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ 11.8 پىرسەنتلىك ئوتتۇرىچە ئېشىش دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولغان. تۈرلۈك تېلىگىراف كەسپى ئىچىدە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كەسپى كىرىمى 370 مىليارد 27 مىليون يۈەن بولۇپ، تېلىگىراف كەسپىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 50.9 پىرسەنت؛ مۇقىم تېلىفون تىجارەت كىرىمى 174 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، تېلىگىراف كەسپىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 24 پىرسەنت بولغان .
|