|
·يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا مۇنداق دىيىلدى : تۆۋەن تېمپىراتۇرا ۋە قار – يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش دائىرىسى كەڭ، تېمپىراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولغانلىقتىن ، قىچا، كۆكتات، بۇغداي، چاي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۈششۈك ئاپىتىگە ئۇچرىشى ئېغىر بولدى.
·بۇلتۇر، دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپى خام ماتېرىيال باھاسى ئۆرلەش، ئېكىسپورتتا چەكلىمىگە ئۇچراش ۋە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ،يەنىلا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بازارىنى خېلى كۆپ ئاچتى. دۆلىتىمىز ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئورنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
·جۇڭگو پولات -تۆمۈر سانائېتى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، جۇڭگونىڭ پولات – تۆمۈر كەسپى ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدا 190 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 45 پىرسەنت ئاشقان ، چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى پولات–تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى 49.54 پىرسەنت كۆپەيگەن.
·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا 7 يۈەن 2 مولۇق ئۆتكەل يەنە بۇزۇپ تاشلىنىپ، باھا 7 يۈەن 1 مو 9 پۇڭ 98 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنى يارىتىلغان 7 يۈەن 1 مو 9 پۇڭ 96 لىلىق ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقان. تۈنۈگۈن بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق پۇللارنىڭ خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 9 پۇڭ 98 لى، بىر ياۋرو 10 يۈەن 6 مو 2 پۇڭ 87 لى، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 7 مو 3 پۇڭ 35 لى، 1 شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 2 پۇڭ 266 لى، بىر ئەنگىلىيە فوندسىتىرلىڭى 14 يۈەن 3 مو 2 پۇڭ 80 لى ئايرىۋاشلانغان.
·خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹ مەملىكەت بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىدىروملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى›› يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان. بۇ پىلانغا ئاساسلانغاندا، 2020 – يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە خەلق ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورت ئايرىدىرومىدىن يېڭىدىن 97 سى كۆپەيتىلىپ، ئومۇمىي سانى 244 كە يەتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن شىمالى جۇڭگو، شەرقى جۇڭگو، ئوتتۇرا –جەنۇبى جۇڭگو، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالىدىن ئىبارەت بەش ئايرىدىروم توپى شەكىللەندۈرلىدىكەن.
.دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئېتىراپ قىلىش، بېكىتىشنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ئۈنۈم نىسبىتى بەلگىسى چاپلىنىدىغان مەھسۇلاتلار مۇندەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئېنىرگىيە مەنبەسى ئۈنۈم نىسبىتى بەلگىسىنى چاپلاشنى يولغا قويۇش تەپسىلى پىرىنسىپى›› دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، گاز يېقىلغۇ قىلىدىغان سۇ ئىسسىتقۇ قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەھسۇلاتقا ئېنىرگىيە ئۈنۈم بەلگىسى چاپلىنىدىكەن، ئېنىرگىيە ئۈنۈمى ئۆلچەمگە يەتمىگەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقا، سېتىشقا، ئىمپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورا باھاسىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› غا ئاساسلانغاندا، 1- ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تىببىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىشلىگەن دورىلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئىشلەش تەننەرخىگە 5 پىرسەنت پايدا قوشۇش ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋاستىلىك تەننەرخ بىۋاستە تەننەرخنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
·ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى بايراملىق بازارلارنىڭ تەمىنلىشى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش – نازارەت قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش گورۇپپىسىدىن ئالتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتتى.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۈك تىرانسىپورتنى باشقۇرۇش باش پونكىتى يېقىندا شەھەر تەۋەسىدىكى بارلىق تاشيول تىرانسىپورتى بويىچە ۋاكالىتەن مال توشۇش تىجارەتچىلىرىنىڭ چوقۇم قېلىپلاشتۇرۇلغان ‹‹ ۋاكالىتەن توشۇش تالونى›› نى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
|