باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
جۇڭگو تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش دالا ئاپتوموبىلى ، موتسىكلىت مۇسابىقىسى مايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2008- 01- 30 16:17 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

    ئىگىلىنىشچە ، يېقىندا 2008 – يىللىق جۇڭگو تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ، موتسىكلىت دالا مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ئاپتوموبىلى دالا مۇسابىقىسى شىنجاڭ بېكىتى مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان . يىغىندا 2008 – يىللىق جۇڭگو تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ، موتسىكلىت دالا مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ئاپتوموبىلى دالا مۇسابىقىسى شىنجاڭ بېكىتى مۇسابىقىسىنى 1 – مايدىن 12 – مايغىچە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان .

    ئىگىلىنىشچە ، بۇ يىللىق داكار راللى مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدىغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ناھايتى جەلىپكار بولىدىكەن . شۇڭا شىنجاڭ ئاپتوموبىل ھەركىتى قەمئىيىتى چەتئەللىك ماھىرلارنىڭمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ، مۇسابىقىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ