|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى
يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپارات ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، يىغىندا ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› توغرىسىدىكى قارار قاتارلىق ئالتە قارار ماقۇللاندى
جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، دۇچىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، مامىڭچېڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى
ياڭ گاڭ، كۈرەش مەخسۇت، چيەن جى، جاپپار ھەبىبۇللا، خۇۋېي، دەي گوڭشېڭ، جىن نو، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىس ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى سەككىز كۈن داۋام قىلىپ، تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، 22 – يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.
يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومومىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

22– يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى 3 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 550بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 536ۋەكىل قاتناشتى. بۇ سايلام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن. يىغىندا باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. يىغىندا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ۋە مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى.

ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا؛ نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى
جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، دۇچىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، مامىڭچېڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى
ياڭ گاڭ، كۈرەش مەخسۇت، چيەن جى، جاپپار ھەبىبۇللا، خۇۋېي، دەي گوڭشېڭ، جىن نو، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.
روزى ئىسمائىل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى، قاسىم مامۇت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى، يىغىن ئۇنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشنى قارارقىلدى.
نىشان ئىبراھىم ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى. يىغىندا يەنە ئابدۇرازاق تۆمۈر قاتارلىق 48كىشى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.
يىغىندا ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق 60يولداش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى.
سايلام ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىس ۋاڭ لېچۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، نيې ۋىيگو، ياڭ گاڭ، تيەن شيۇسى، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، جاڭ گولياڭ، دۇ چىنرۈي، مۇھەممەد رەجەپ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابدۇرېھىم ھامىد، ئەسقەت كەرىمباي، چيۇ يەنخەن، جۇ جىنلىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
يىغىندا تەرتىپ بويىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2008–يىللىق پىلانى توغرىسىدىكى قارار؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2008–يىللىق مالىيە خام چوتى توغرىسىدىكى قارار؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى نۇر بەكرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى. (تولۇق تېكىستى تورىمىز باش بېتىنىڭ ‹‹ مۇھىم خەۋەرلەر ›› كۆزنىكىگە بېرىلدى ). نۇر بەكرى ۋەكىللەرنىڭ ئىشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا، پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى غەمخورلۇقى ۋە تەربىيىسىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى، ھۆكۈمەت بەنزىسىدىكىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ۋە بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى بولسۇن››نى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، جان – دىل بىلەن ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئەمەلىي خىزمەتلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تىرىشچان، پاك، خالىس تۆھپە قوشىدىغان ياخشى ئوبرازىنى تىكلەيدۇ.

ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يولداش ئابدۇرېھىم ھامىدقا، ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئۆگىنىشنى، سىياسىي كۆز قاراشنى ئاڭلىقلىق بىلەن كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پارتىيىنىڭ ئىشەنچى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تە، ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت گېمىنى ئىچىدە ئاياغلاشتى.
يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، مۇھەممەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، ۋاڭ يۇڭمىڭ، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، مۇھەممەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، خۇا شېفىي، لى شىنگۇڭ، خۇ جاۋجاڭ، ليۇ شىنچى، سۈي شياۋخېڭ، ۋاڭ زۇڭجيۇ، لۈ گاڭ، ليۇ جيەنشىن، شۆھرەت زاكىر، سۇڭ جىگو، سۇڭ جيەنيې، جاۋ شياڭۋا، روزى ئىسمائىل، ياڭ جاۋجى، قاسىم مامۇت، پەن چاڭجيې، ياڭ لىرېن، خۇ شياۋچىن، جۇڭ ۋېيگو، ليۇ جيەنشىڭ ھەم يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېتەكچىلىك ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
سۇڭ رۇگۇ، خەلچەم ئىسلام، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، خوجىخان ھاكىموف، ما جيەنگو، ئاسانبېك تۇردى، جاڭ شيۇمىڭ، ۋۇ دۈنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ئابدۇقادىر نەسىردىن، ياۋ يۇڭفىڭ، جياڭ شەن، ئابدۇرېھىم ھاجى ئىمىن، سېرجى، جۇ جىنجۇڭ، شارىپقان قاتارلىقلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
|