باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 01- 21 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1– ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى‹‹كوئېنلۇن››مېھمانسارىيىدا 3 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

   يىغىنغا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەت كەرىمباي رىياسەتچىلىك قىلدى.

   سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، بادەي قاتارلىقلار ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

   يىغىندا، ئالدى بىلەن ئەزالارنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغانلىق ئەھۋالىدىن ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزات ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە) ماقۇللاندى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ