|
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش ھەيئىتى 18–يانۋار چۈشتىن كېيىن 2 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، 18–يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10غا قەدەر يىغىنغا 232 پارچە تەكلىپ، 695پارچە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىر تاپشۇردى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ۋەكىللىرى بەرگەن تەكلىپلەرنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپلەردە، يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش؛ ئىختىساسلىق خادىملار كۈچلۈك رايونى ئستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش؛ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش؛ پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش؛ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى قوغداش؛ قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خىزمەت نازارەتچىلىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجراسىدا ئادىل بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەۋسىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، تەكلىپ تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى دۇ چىنرۈي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، تەكلىپ تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەد رەجەپ يىغىنغا قاتناشتى.
|