باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 896پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى
2008- 01- 21 10:45 شىنجاڭ گېزىتى

   سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 17–يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 22 گىچە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار سۇنغان 896پارچە تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالدى. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ‹‹تەكلىپ خىزمىتى لايىھىىسى››گە ئاساسەن، ئەزالار سۇنغان تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، يۇقىرىقى تەكلىپلەر ئىچىدىكى 871پارچە تەكلىپنى رويخەتكە ئالدى، بۇ تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %97.2 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە  گۇرۇھلار سۇنغان تەكلىپلەر ۋە كوللېكتىپ تەكلىپلەر 114پارچىغا يەتتى.

   بۇ قېتىمقى يىغىن تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپلەردە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، باغۋەنچىلىكنى دېھقانلار كىرىمىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش، سۇچىلىق ئۇل قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ  سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى يېزىلار ئۈچۈن مۇلازىملىق قىلىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش، مائارىپ، پەن – تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چەت، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە يېزا – قىشلاقلارنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

   بۇ قېتىمقى يىغىن رويخەتكە ئالغان 871پارچە تەكلىپ ئىچىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئائىت تەكلىپلەر 408پارچە بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %45.5 ىنى، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىقلارغا ئائىت تەكلىپلەر 213پارچە بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %23.8ىنى، سىياسەت، قانۇن – بەلگىلىمە، ئىجتىمائىي كاپالەت، مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىشلىق تەكلىپلەر 250 پارچە بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ%27.9 ىنى ئىگىلىدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ