باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك
2008- 01- 21 10:37 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 18–يانۋار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش،  خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

   ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل لى خۈيجۈەن سوتچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى تەربىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سوت، تەپتىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئەدلىيە قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

   قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل ئابدۇرۇسۇل ئالمەمەت مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، چارۋىچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز. شۇڭا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر. ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئومۇمىي سەۋىيىسىنى  ئۆستۈرۈش كېرەك. سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلىشى كېرەك.

   تۇرپان ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل سۇن چاڭخۇا مۇنداق دېدى: تۇرپان ۋىلايىتىدە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىر قەدەر كۆپ، بىراق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى ئارقىدا قالغان. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېسىل، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل بايىنكشىك ئىككى مەھكىمىنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يەرلىكتىكى بىر قىسىم يېزا – بازارلاردا قەرزنى ئارقىغا سۈرۈش بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، بۇ ئىجرا خىزمىتىگە مۇئەييەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداشتا باشلامچى بولۇشىنى، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ۋەكىل خۇ يۈەنجىڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە تارماقلىرى سودا پارىخورلىقىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى. بىر تۈركۈم چوڭ، مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى جازالاپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىنى تېخىمۇ تۇرغۇزۇپ، سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ