باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2 – ، 3 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى
2008- 01- 21 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 18–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن 2 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نۇر بەكرى، نيې ۋىيگو، ياڭ گاڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن،  بەي جىجيې، جاڭ گولياڭ، دۇ چىنرۈي، مۇھەممەد رەجەپ يىغىنغا قاتناشتى.

   يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى قاراپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە  ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2008–يىللىق پىلان لايىھىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەم 2007–يىللىق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2008–يىللىق مالىيە خام چوتى توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

   يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2008–يىللىق پىلان توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2008–يىللىق مالىيە خام چوتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە) ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، بۇ ‹‹لايىھە››لەرنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىپ بېرىش ۋە چوڭ يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 18–يانۋار كەچتە 3 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نۇر بەكرى، نيې ۋىيگو، ياڭ گاڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، جاڭ گولياڭ، دۇ چىنرۈي، مۇھەممەد رەجەپ يىغىنغا قاتناشتى.

   يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا سايلاشقا يوللىنىدىغان نامزاتلارنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ نامزاتلارنىڭ ئىسىملىك لايىھىسىنى يىغىندىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ۋەكىللەرنىڭ بىرلىشىپ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق نامزات كۆرسىتىش ۋاقتىنىڭ ئاخىرقى چېكى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.  
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ